UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسوڭى چىقىپ قېلىش

سوڭى چىقىپ قېلىش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، ئۇزاق داۋام قىلغان تولغاق، ئىچى سۈرۈش، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۈچىنىپ كەتكەن تولغىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: تەرەتتىن كېيىن، بەزىدە ئىنجىقلىغاندا سوڭى چىقىۋېلىش، ئۆزلۈكىدىن كىرىپ كەتمەي، قول بىلەن ئىتتىرىپ كىرگۈزۈلۈش، ئاغرىش، بەزىدە يۇقۇملىنىپ، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پوستى ئاجرىتىلغان قىزىل ماش، ئانار پوستى، جۈپتى بەللۇت، ئارچا مېۋىسى 12 گرامدىن، ھەببۇلئاس سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى ھەببۇلئاس سۈيىدە نەمدەپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ تازىلاپ، دورىلارنى چېپىپ، داكا بىلەن تېڭىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پوستى ئاجرىتىلغان قىزىل ماش، ئەنگۈر شىپا ئۇرۇقى 12 گرامدىن، قىزىلگۈل ئۈچ گرام، يۇمغاقسۈت، گۈل يېغى، تۇخۇم سېرىقى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمغاقسۈتنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيىدە پىشۇرۇپ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، چىقىۋالغان مەقئەتكە سۈركەپ، پاختا بىلەن بېسىپ تۇرۇپ كىرگۈزۈۋېتىپ، ئۈستىدىن پاختا ياكى داكا كاللىكى قويۇپ چىڭ تېڭىلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پىلپىل يىلتىزى 36 گرام، قارىمۇچ 42 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ئالتە گرام، زەنجىۋىل، ئامىلە پوستى ئۈچ گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
سوڭى چىقىپ قېلىش | UyghurWiki | UyghurWiki