UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبۆرەك ئورۇقلاش

بۆرەك ئورۇقلاش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك مىجەزى بۇزۇلۇش، ئۇزاق داۋاملاشقان بۆرەك زەئىپلىكى، جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ تەسىرىدە بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغلارنىڭ سىزىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: زىيادە ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، سۈيدۈك كۆپىيىش ۋە ئاغرىتىپ كېلىش، بەل ئاغرىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، نارجىل، چىلغوزا، پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، ھەببە تۇلخوزرا 50 گرامدىن، ھەسەل دورىلارنىڭ تەڭ مىقدارىدا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تەرەنجىبىن 100 گرام، كالا سۈتى بىر لىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 تەرەنجىبىننى ئېرىتىپ، سۈيىنى ئېلىپ، قاينىتىلغان سۈتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، قويۇلغىچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گرامدىن، جويۇز، بەسباسە، داۋالە، پىلپىل ئالتە گرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېغى 30 گرامدىن، قۇرۇتۇلغان بۇقا ئالىتى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گرامدىن، ئۇدخام سەككىز گرام، تىللا ۋاراق 30 تال، كۈمۈش ۋاراق 50 تال، ئەنبەر تۆت گرام، ئىپار ئىككى گرام، ھەسەل 136 گرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش