يەل كىندىك
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى تەسىرىدە كىندىك ئاستىدىكى سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
جۇۋىنە، سەبرە، يىلان تۇخۇمى 10 گرامدىن، تۇخۇم بىر دانە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
تۇخۇمدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
ئۈچ كۈندە بىر قېتىم، كىندىك ئۈستىگە چېپىپ تېڭىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
مەستىكى رۇمى، ئەنزىرۇت، كۇندۇر، جويۇز، ئاقاقىيا، زەمچە، سەبرە سۇقۇترى، جۇۋىنە، زىرە 10 گرامدىن، بېلىق يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كىندىك ئۈستىگە چېپىپ تېڭىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئانار گۈلى، ئاقاقىيا، قارىغاي يوپۇرمىقى، جويۇز، كۇندۇر، ئەنزىرۇت، مەستىكى رۇمى، مۇرمەككى، پىرسىياۋشان، زەمچ، رۇسۇت، ئارچا مېۋىسى، سەبرە سۇقۇترى 10 گرامدىن، بېلىق يېغى 20 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كىندىك ئۈستىگە چېپىپ تېڭىلىدۇ.