UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبوغماق ئۈچەي ياللۇغى

بوغماق ئۈچەي ياللۇغى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بۇلغانغان يېمەكلىكتىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: دەسلەپ ئۆتكۈرئۈچەي ياللۇغى ساقايغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئاغرىتماي ئىچ سۈرۈش داۋاملىشىپ تۇرۇش، سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندىن كېيىن تۆۋەنكى قورساق ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، قورساق غولدۇرلاش، ئۈچەي يارىلانغاندا ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىش، چوڭ تەرەت داۋاملىق سۇيۇق ۋە كۈنىگە بىرنەچچە قېتىمدىن كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 نىشاستە، ئانار ئۇرۇقى 80 گرامدىن، پاقيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 40 گرام، كۆكنار شاكىلى 20 گرام، پىستە پوستى 80 گرام، شېكەر 500 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 7 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ). 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بىنەپشە، قىزىلگۈل، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئانار پوستى، ئانار گۈلى 10 گرامدىن، ئېگىر، كۇندۇز، پارپا بەش گرامدىن، سۇ 200 مىللىلىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 كۇندۇزدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ، سۇس ئوتتا سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، كۇندۇزنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق دورا تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 دورىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشاش تەڭشەپ، مەقئەتتىن ئۈچەي يولىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تاباشىر 12 گرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى (قورۇلغان) 27 گرام، قىزىلگۈل 21 گرام، ئاق سەندەل، ئەرەب يېلىمى (قورۇلغان)، كەتىرا(قورۇلغان)، نىشاستە، شاھى بەللۇت، رۇببىسۇس، قوغۇن ئۇرۇقى، زىرىق ئالتە گرامدىن، ئانارگۈلى، بۇژغۇن قىيامى ئۈچ گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالما، بېھى ياكى زىرىق سۈيىدە خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش