UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبۇرۇن قاناش

بۇرۇن قاناش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بوھران مەزگىلىدە ۋە قاننىڭ سۇيۇلۇپ يېپىشقاقلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى بۇرۇن ئىچىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قان ياسىغۇچى ئورگانلار پائالىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە بۇرۇن كولاش ئادىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ ئالامىتى: بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ كېتىش، قان پات توختىماسلىق، بەزىدە باش ئاغرىش، يۈز - كۆزى قىزىرىش، كۆپرەك قان ئاققاندا چىرايى تاتىرىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئانار گۈلى، ئانار پوستى، قىزىلگۈل، سېرىقچېچەك 10 گرامدىن، سەندەل بىر گرام، گاۋزىبان ئۈچ گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى چالا سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ھاك ياكى گەج مەلۇم مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم ھۆللەنگەن پەلكۈچنى سوقۇلغان دورىغا مىلەپ بۇرۇن ئىچىگە تىقىپ قويۇلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قەغەز كۈلى، تۇخۇم شاكىلىنىڭ كۈلى، ئاقاقىيا، ئانار پوستى ئالتە گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، رەيھان سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىر تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 دورىنى پەلكۈچكە مىلەپ بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
بۇرۇن قاناش | UyghurWiki | UyghurWiki