چىش ئاغرىقى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، مىجەزنىڭ ماددىلىق ۋە ماددىسىز بۇزۇلۇشى، قۇرت چۈشۈش، ياللۇغلىنىش، چىش تۈۋى تازىلىقىنىڭ ناچارلىقى، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە سۈپەتسىز يېمەكلىكلەر، ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن قويۇق يەل ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
چىشنىڭ تۈۋى قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش، شۇنداقلا چىش مىلىكى، ئېغىز ئىچى، چىش يىلتىزى لوقۇلداپ ئاغرىش، بەزىدە ئېڭەك قوشۇلۇپ ئاغرىش ۋە ئىششىپ قېلىش، بەزىلەردە ئاغرىق ئورۇن يىرىڭ يىغىش، باشمۇ قوشۇلۇپ ئاغرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئالما ياغىچى ئىككى گرام، زەنجىۋىل توققۇز گرام، ھىندى تۇزى توققۇز گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم ئاغرىۋاتقان چىشقا بېسىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سىركە 300 مىللىلىتىر، يەرلىك تۇز، زەمچە 15 گرامدىن، يالپۇز، سېرىقچېچەك، زىرە 10 گرامدىن، سۇ بىر لىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
سىركىدىن باشقا دورىلارنى قاينىتىلغان سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۇس ئوتتا سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە سىركىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم ئېغىز چايقىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قۇندۇز قەھرى، ھىڭ، مۇرمەككى، پىلپىل، كۆكنار ئۇرۇقى، مىڭدىۋانە ئۇرۇقى تەڭ مىقداردا، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم ئاغرىق چىشقا بېسىلىدۇ.