UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشھۆل تەمرەتكە

ھۆل تەمرەتكە

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى - تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلۈش بىلەن، دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ قىچىشىش، تاتىلىغاندىن كېيىن مۇدۇرلار بۇزۇلۇپ، سېرىق سۇ چىقىش، بارا - بارا كېڭىيىش، ئاقىۋەتتە يىرىڭلىق چاقىغا ئايلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 شاھتەررە 105 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، ۋاسالغۇ 75 گرام، ھەسەل 4001 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل 5.7 گرام، سانا ئالتە گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقىشاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
ھۆل تەمرەتكە | UyghurWiki | UyghurWiki