UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسۈيدۈك تۇتالماسلىق

سۈيدۈك تۇتالماسلىق

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى، دوۋساق مۇسكۇللىرىنىڭ زەخىملىنىشى، مېڭىدىكى ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ۋە بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: سۈيدۈك كونترول قىلغىلى بولماي ئىختىيارسىز چىقىپ كېتىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 خولىنجان، كۈندۇر، پىلپىل، ئىپار، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل تەڭ مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قەلەمپۇر، ئاقىرقەرھا، زورەنبات، جويۇز، مەستىكى رۇمى، زەنجىۋىل، تۇخۇمى خەشخاش، خولىنجان 60 گرامدىن، قىزىلگۈل، ئانارگۈل، لاچىندانە ھىندى، بۇقا ئالىتى 30 گرامدىن، ناۋات بىر ھەسسە، ھەسەل ئىككى ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى قىيام قىلىپ، ھەسەل، ناۋات قىيامى ۋە باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ 30 كۈن تۇرغۇزۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئاقاقىيا، ئانارگۈلى توققۇز گرامدىن، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل ئالتە گرامدىن، ھەببۇلئاس سەككىز گرام، كۇندۇر ئۈچ گرام، قىزىل ماش، قەسبۇس زەرىرە، قىيمىقۇ ئۇرۇقى، سەمغى ئەرەبى، تاباشىر ئالتە گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، مېۋە قىيامى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش