UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشبەلۋاغسىمان قوقاق

بەلۋاغسىمان قوقاق

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، غەيرىي تەبىئىي سەپرانىڭ قانغا ئارىلىشىشى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامداش، كېسەللىك ئورنىنىڭ سەزگۈلۈكى ئېشىپ كېتىش، كىيىم تەگسە يېقىمسىزلىنىش، يېنىك ئېچىشىپ ئاغرىش، ئارقىدىن تېرىقتەك قىزىل داغلىق سۇلۇق پۈۋەكچىلەر ۋە قاپارتقۇ پەيدا بولۇش، قىزىتما، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا يۇقۇملىنىپ يىرىڭلىق جاراھەتكە ئايلىنىش، قاپارتقۇلار بەلۋاغدەك ئايلانما ھاسىل قىلىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 شاھتەررە، خەشخاش 40 گرامدىن، چۆپچىنى، جىنتىيانا 35 گرامدىن، موزا، ئاق لەيلىگۈلى، مامرانچىنى 30 گرامدىن، سۇ 5.2 لىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 ئاق لەيلىگۈلىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈيى ئىككى لىتىر قالغاندا ئاق لەيلىگۈلىنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سەبرە سۇقۇترى 20 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل 5.7 گرام، سانا ئالتە گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 شاھتەررە، كاسىنە يىلتىزى 25 گرامدىن، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل 20 گرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقىدىن 40 گرام، سەرپىستان 30 گرام، چىلان 100 گرام، چۆپچىن 35 گرام، سىركە 200 مىلللىتىر، سۇ 5.1 لىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 گۈل دورىلار بىلەن سىركىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا بوش قاينىتىپ، بىر لىتىر سۇ قالغاندا گۈل دورىلارنى سېلىپ بىرلا ئۆرلىتىپ، ئۇنىڭغا 100 گرام جەۋھىرى كاسىنە ۋە سىركىنى قوشۇپ شەربەت تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش