UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشئۈششۈك

ئۈششۈك

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، قاتتىق سوغۇق تەسىرىدە پۇت - قول ئۇچلىرى، قۇلاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قان تومۇرلار ئىنچىكە، تەبىئىي ھارارەت تەستىرەك يېتىپ بارىدىغان ئەزالارنىڭ توڭۇپ، توقۇلمىلارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كېسەللەنگەن ئەزا توڭلاپ، ئىششىش، قىچىشىش، توقۇلمىلار قارىداش، بەزىدە سېسىپ چۈشۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قىزىلمۇچ 300 گرام، تەرخەمەك غولى 200 گرام، كاۋا شۆپۈكى 150 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تولۇق تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم ئۈششۈك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قۇرۇتۇپ، سوقۇلغان قىزىلمۇچ 30 گرام، ئاق % 70 لىك ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 قىزىلمۇچنى ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلاپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە 3 ~ 5 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قۇرۇتۇلغان لازا، ئارپىبەدىيان، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، كاپۇر تەڭ مىقداردا، ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى ئىسپىرتقا چىلاپ، تولۇق تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىنى يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ، 3 ~ 5 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش