UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى، ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىنىڭ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: ئاشقازان ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، ئاشقازان ئېچىشىش، زەرداب سۇ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش، ھەزىم بولۇش تەسرەك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاغرىش ئېغىرلىشىش، قەۋزىيەت بولۇش، قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زىرە مۇدەببەر ئىككى گرام، قارىمۇچ ئالتە گرام، زەنجىۋىل، سۇزاپ يوپۇرمىقى سەككىز گرامدىن، ئاق توغرىغا ئىككى گرام، قېلىن دارچىن، قوۋزاقدارچىن، گۈلدارچىن، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، مەستىكى سەككىز گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قىزىلگۈل 250 گرام، ئاقلانغان ئامىلە 70 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، مۇدەببەر قىلىنغان خۇبسىلھەدىد 20 گرام، سىماق 15 گرام، پىستە پوستى، ئاپېلسىن پوستى، مەستىكى، نارمىشىك، ئوغرىتىكەن، دارچىن، قىزىل سەندەل، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە، گاۋزىبان گۈلى ھەربىرى 10 گرامدىن، قەنت 1800 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 خۇبسىلھەدىدنى مۇدەببەر قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىنىدۇ. خۇبسىلھەدىدنى سوقۇپ 10 كۈن سىركىگە چىلاپ، سىركىنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ، كېيىن سوغۇق سۇدا 15 قېتىم يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، دورىلار تالقىنىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قەنت قىيامىغا سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىچىلىدۇ (بالىلارغا مىقدارى ئازايتىلىدۇ.) 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 لاچىندانە، قاقىلە، بەسباسە، دارچىن يەتتە گرامدىن، زەنجىۋىل، پىلپىل تۆت گرامدىن، تاباشىر، سازەج ھىندى، ئاپېلسىن پوستى ئىككى گرامدىن، مەستىكى، ئەنبەر، زەپەر ئۈچ گرامدىن، جويۇز سەككىز گرام، ئىپار ئىككى گرام، مەرۋايىت ئۈچ گرام، ھەسەل 200 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش