كاناي ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يۇقۇملۇق زۇكام ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كاناي ۋە شاخچە كانايلارنىڭ ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ماغدۇرسىزلىق، باش ئاغرىش، قىزىتىش، كۆپ بەلغەلىك يۆتەل، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زىغىر 90 گرام، قەردمانە 30 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە، رۇببىسۇس 15 گرامدىن، ئاق شېكەر 60 گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، بادام مېغىزى توققۇز گرامدىن، گۇلاب ۋە بادام يېغى مەلۇم مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
سەمغى ئەرەبى ۋە كەتىرادىن باشقا دورىلارنى تالقانلاپ، گۇلاب ۋە بادام يېغى بىلەن نەمدەپ، قەنتنى قىيام قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سەمغى ئەرەبى بىلەن كەتىرانى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ئۈچ گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
غارىقۇن 12 گرام، رۇببىسۇس تۆت گرام، ئاق تۇربۇت 20 گرام، ئايارەج پەيقىرا، ئاچچىقتاۋۇز، ئەنزىرۇت سەككىز گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.