يەلتاشما (ئېشەكيېمى)
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ھەرخىل غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر، دورىلار، پارازىت قۇرتلار، ئۆتكۈر پۇراق، ھەرخىل ناباب تېمپېراتۇرا قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئۆتكۈرلىرى تۇيۇقسىز باشلىنىپ، بەدەن قاتتىق قىچىشىش، تېە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئاچ قىزىل رەڭلىك، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان پارچە - پارچە ياپىلاق قاپارتقۇلار پەيدا بولۇش، بەزىلىرى ھەتتا ئالىقاندەك چوڭلۇقتا بولۇش، بەزىدە كونىلىرى يوقىلىپ، يېڭىلىرى پەيدا بولۇپ تۇرۇش، بەزىدە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بولۇش، بەزىلەردە قورساق ئاغرىش، يەڭگىل قىزىتىش، ئېغىرلىرىدا كانايلاردا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، نەپەس قىيىنلىشىش، ئۆتكۈرلىرى ۋاقتىدا ساقايتىلمىسا سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ، كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى، ئەنگۈر شىپا، چۆپچىنى، ئۆشبە، سېرىق ئوت، شاھتەررە 30 گرامدىن، زەرچىۋە، بىنەپشە، بىخسۇس، بابۇنە، بەدىيان، سەۋزە ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى، شۇمشا، كاسىنە ئۇرۇقى، بادام يېغى، نېلۇپەر 15 گرامدىن، ئەينۇلا، ئەنجۈر قېقى، چىلان 90 گرامدىن، خىيارشەنبەر 60 گرام، چۆپچىنى، مامرانچىنىلار 15 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
ئىككى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاچچىق ئەمەن، شاھتەررە، سامساق تەڭ مىقداردا، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم بەدەن يۇيۇلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
شاھتەررە 105 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، بەلىلە پوستى، ئامىلە 45 گرامدىن، سانا 22 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، ۋاسالغۇ 75 گرام، ھەسەل 1371 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ