ئۇنتۇغاقلىق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ياشلاردا مېڭىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى مىجەزنىڭ ھۆل سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا مېڭە قىزىل قان تومۇرى قېتىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتنى ئۇنتۇپ قېلىش ھەم ئەسكە ئالالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
جەدۋارچىنى، تۆشۈكسىز مەرۋايىت، ئۇزۇن پىلپىل، ساپ كەھرىۋا تۆت گرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، خولىنجان، نېپىز دارچىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۇد قىمارى، ئۇدخام، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سەككىز گرامدىن، سۆئلەپ، شاقاقۇل، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى 15 گرامدىن، زەپەر ئىككى گرام، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەرنى قاينىتىپ قىيام قىلىپ، دورىلارنى قىيام بىلەن بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قىرقىلغان پىلە 120 گرام، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلىغان سۇ ئالتە مىللىلىتىردىن، گاۋزىبان، پەرەنجىمىشكى، قىزىلگۈل، سۇمبۇل، ئاق شېكەر، مەرۋايىت، كەھرىۋا، ياقۇت ئالتە گرامدىن، ئاق سەندەل سەككىز گرام، تاباشىر توققۇز گرام، ئەنبەر ئۈچ گرام، ئىپار ئىككى گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالتۇن، كۈمۈش تاۋلانغان سۇدا قەنتنى قىيام قىلىپ، باشقا دورىلارنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كۇندۇز، ئېگىر، سەئدى كوپى 30 گرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل 15 گرامدىن، ھەسەل ئىككى ياكى ئۈچ ھەسسە، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.