قىزىل
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كېسەللىك مىكروبى بالىلارنىڭ بۇرۇن ۋە نەپەس يوللىرىغا كىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپ زۇكامدەك جۇغ - جۇغ ۋە تىترەك بىلەن باشلىنىپ، بىئاراملىق، باش ئاغرىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، ئاندىن قىزىتما ئۆرلەش، ئاۋۋال قۇلاق كەينى ۋە باش ساھەسىگە، ئاندىن گەۋدە ۋە پۇتلارغا قىزىل ئەسۋە چىقىش، بەزىلەردە جۆيلۈش، ھوشىدىن كېتىش، ئاۋاز پۈتۈش، كۆزىدىن ياش ئېقىپ، چاپاق بېسىش، قاپاقلىرى ئىششىش، تەدرىجىي ھالدا ئەسۋىلەر كېپەكلىشىپ سويۇلۇپ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
غۇنچىئۈزۈم 15 گرام، قومۇش يىلتىزى توققۇز گرام، يۇمغاقسۈت يىلتىزى توققۇز گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئارپىبەدىيان 30 گرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 60 گرام، سۇ بىر چىنە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 ~ 40 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كۆك كىشمىش ئۈزۈم بەش گرام، ئەنجۈر ياكى ئەنجۈر قېقى ئىككى دانە، غۇنچىئۈزۈم ئۈچ گرام، چىلان ئۈچ دانە، شېكەر 12 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى مۇپىق سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ، شەربەت تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تەييارلانغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.