سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، سوغۇق ئۆتۈش، شامالداش، قار، بوران، يامغۇردا قېلىش، ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق سۇغا چۆمۈلۈش، مۇنچىدىن چىقىپلا ئۆتكۈر سوغۇق نەرسىلەرنى ئىچىش ياكى بەك سوغۇق تاماقلارنى يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
باش ۋە پېشانە سوغۇق بولۇش، ئىسسىق ھاۋادا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
مۇرمەككى، ئىپار، ئەنبەر، قۇندۇز قەھرى، كاۋاۋىچىن، قۇستە شېرىن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچ گرامدىن، زەيتۇن يېغى 30 مىللىلىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
باشقا سىرتتىن سۈركىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئامىلە پوستى، بەلىلە پوستى، قارىمۇچ، پىلپىل 90 گرامدىن، زەنجىۋىل 40 گرام، قارا ھېلىلە 90 گرام، شاقاقۇل، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، لىسانىل ئاساپىر، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ھەببى قەلقەل، پوستى ئاقلانغان كۈنجۈت، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى 40 گرامدىن، كۈنجۈت يېغى 50 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، ئامىلە، سانا، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس، مەستىكى، ۋاسالغۇ 22 گرامدىن، ھەسەل 800 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.