تۇتقاقلىق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، مېڭىنىڭ ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياكى بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇق ھەم قۇرۇق سوغۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئۇشتۇمتۇت يىقىلىپ چۈشۈپ پۇت - قوللىرى تارتىشىپ قېلىش، ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىپ، ھوشسىزلىنىپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قۇستە 30 گرام، پىلپىل، پەرپىيۇن، ئاقىرقەرھا12 گرامدىن، قۇندۇز قەھرى 5.6 گرام، كونا مۇسەللەس 300 گرام، زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
قۇستە، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر سوتكا چىلاپ، مۇسەللەسنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېلىپ، كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، مۇسەللەس پارغا ئايلىنىپ ياغلا قالغۇچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، قازاندىكى ياغلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
سىرتىدىن ئاغرىق ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاقىرقەرھا، كونا سىركە 30 گرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئاقىرقەرھانى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان قىلىپ سىركىگە چىلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، تازىلانغان ئامىلە، ئۈستقۇددۇس 30 گرامدىن، ئۇد سەلب 15 گرام، ئاقىرقەرھا توققۇز گرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 280 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزۈم بىلەن خېمىر قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.