UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ئۆتكۈر بۇغۇم ياللۇغىنىڭ ئاسارىتى سۈپىتىدە ۋە بەزىدە سوغۇق تېگىش، ناچار مۇھىت، ئوزۇقلۇق ناچارلىق، بوغۇملارنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بوغۇملارنىڭ توقۇلمىلىرى قاتتىقلىشىپ، ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، سوغۇق ۋە ھۆلچىلىك كۈنلەردە ھەمدە كېچىسى ئاغرىق كۈچىيىش، بوغۇملار ئىششىش، مۇشەك گۆشلەر ئاجىزلىشىش ۋە بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ھەسەل بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 ھەسەلنى سۇ بىلەن تۆتتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 150 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، جويۇز، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل، سىيادان، ئارپىبەدىيان، خولىنجان بىر ھەسسىدىن، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ.ھەسەل جەمئىي دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 گرامدىن ناشتىدا ئىچىلىدۇ (بالىلارنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ). 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سېرىقچىچەك ئۇرۇقى، سۆرۈنجان 10 گرامدىن، شېكەر 60 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى | UyghurWiki | UyghurWiki