UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشباش قېيىش

باش قېيىش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەن ئاجىزلىقى، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، زەھەرلىنىش، ئاپتاپ ئۆتۈش، قان ئازلىق، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بەزىدە قۇلاق گۈركىرەش، كۆڭۈل ئېلىشىش، چىراي تاتىرىش، ھەتتا قۇسۇشلارمۇ قوشۇلۇپ كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كابۇل ھېلىلىسى پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 40 گرامدىن، ئاقلىغان بادام مېغىزى 100 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 200 گرام، شېكەر بىر كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قىزىلگۈل 18 گرام، سەئدى كوفى 15 گرام، قەلەمپۇر، مەستىكى، سۇمبۇل، ئاسارۇن توققۇز گرامدىن، زەرنەپ، بەسباسە، قاقىلە، لاچىندانە، جويۇز، قوۋزاقدارچىن، زەپەر ئالتە گرامدىن، ئامىلە 40 گرام، قەنت، ھەسەل 750 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئامىلە پوستى، بەلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش