ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، مىجەز بۇزۇلۇش، زۇكامنىڭ نەزلىسى تەستە ساقىيىش، گالنىڭ قۇرغاقلىقى ئېشىپ كېتىش، سىرتتىن سوغۇق ۋە زىيادە غىدىقلىغۇچىلارنىڭ تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
گال ئىچى قىچىشىپ، قۇرۇپ تۇرۇش، بەزىدە گال قوشۇلۇپ ئاغرىش، سۆزلىگەندە ئاۋاز تولۇق چىقماي، خىرقىراپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كەتىرا، نىشاستە، سەمغى ئەرەبى، رۇببىسۇس، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىدىن باراۋەر مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ شىرىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زىغىر ئۇرۇقى، ئاچچىق بادام مېغىزى، رۇمبەدىيان، رۇببىسۇس، ئەرەب يېلىمى ئۈچ گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېھى ئۇرۇقى شىرىسى بىلەن خېمىر قىلىپ، نۇقۇتتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن شۈمۈلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زىغىر 90 گرام، قەردمانە 30 گرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گرام دورا مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.