گاسلىق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، تۇغما، ياشنىڭ چوڭىيىشى، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، زەخىم، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مىجەز بۇزۇلۇش، دورىلارنىڭ زەھىرى ۋە قۇلاق پەردىلىرىنىڭ يىرتىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپ ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، بارا - بارا پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىق، بەزىدە توساتتىنلا پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىق ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ياۋا بېدە 20 گرام، مەرزەنجۈش، بەرەنجاسىپ، بابۇنە 40 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم گەدەنگە سۈرۈلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سامساق بىر باش، قوي ئۆتى بىر دانە، ياڭاق يېغى 40 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
سامساقنى يانجىپ، قوي ئۆتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ياڭاق يېغىغا سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زەيتۇن يېغى بىر پىيالە، چۈمۈلە 100 تال.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
زەيتۇن يېغىغا چۈمۈلىنى سېلىپ، كۈن نۇرى كۈچلۈك چۈشىدىغان ئورۇندا 40 كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ