ئىشتىھاسىزلىق
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئاشقازان مىجەزى بۇزۇلۇش، ئاشقازاندىكى سەزگۈ ئەسەبلىرىنىڭ خىزمىتى ناچارلىشىش، ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ كېتىش ياكى جىگەر خىزمىتىدە توسالغۇ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئاچلىق سېزىمى بولغان ھالەتتىمۇ تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ياڭاق مېغىزى 30 گرام، ئاپېلسىن بىر تال، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ياڭاق مېغىزىنى سۇدا قاينىتىپ، ئاپېلسىننى سىقىپ سۈيىنى قۇيۇپ، شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تۇز، قارىمۇچ، ئاقمۇچ 30 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن كاپ ئېتىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زەنجىۋىل 300 گرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
زەنجىۋىلنى بىر سوتكا سۇغا چىلاپ قويۇپ، قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ئاندىن شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.