دائىرىلىك چاچ چۈشۈش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، چاچ يىلتىزىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە بىر كېچىدىلا مەلۇم ئورۇننىڭ چېچى تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، چاچ چۈشكەن ئورۇن يۇمشاق، پارقىراق، سىلىق بولۇشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
چىلان يەتتە دانە، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، شاھتەررە بەش گرامدىن، چالا سوقۇلغان كاسىنە يەتتە گرام، كاسىنە يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە، رەيھانگۈل، قىزىلگۈل سەككىز گرامدىن، سۇ بىر لىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا بىرلەشتۈرۈپ سۇغا سېلىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قايناتقاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىچىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاچچىق لازا، قىزىلۋاش سامساق 100 گرامدىن، شاپتۇل مېغىزى يېغىدىن 300 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
لازا بىلەن سامساقنى ئايرىم - ئايرىم سوقۇپ، شاپتۇل مېغىزىنىڭ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ماتا بىلەن سىقىپ يېغىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇن سىرتتىق ياغلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كۇندۇش، شاترەنج ھىندى بىر گرامدىن، كىرپە يېغى بەش گرام، قاغا مېڭىسىدىن ئىككى گرام، زەيتۇن يېغى 50 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
كۇندۇش بىلەن شاترەنج ھىندىنى يۇمشاق سوقۇپ، كىرپە ۋە زەيتۇن يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە قاغا مېڭىسى بىلەن سوقۇلغان دورىلارنى سېلىپ، بىر سوتكا تۇرغۇزغاندىن كېيىن ماتا بىلەن سىقىپ يېغى سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇن سىرتتىن ياغلىنىدۇ.