UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشقاندىن بولغان باش ئاغرىقى

قاندىن بولغان باش ئاغرىقى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، گۆش، كاۋاپ، ھالۋا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملارنى كۆپ يېيىش، ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بۇ باش لوقۇلداپ ئاغرىش ھەمدە بەدەن ئېغىر بولۇش، كۆز ئېقى قىزىرىش، تومۇرى ناھايىتى توم، قاتتىق ئۇرۇش، يۈزى قىزىرىپ، كۆپ ئەسنەش، بەزىلەرنىڭ كالپۇك، گال، ئېغىز ۋە چىش مىلىكلىرىگە قاپارتچۇق لار چىقىش، كانىيى يىرىك بىلىنىپ، گېلى ئاغرىش، ئاۋازى بۇزۇلۇش، سۈيدۈكى قىزىل ھەم قويۇق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 چىلاندىن بەش تال، شاھتەررە، نېلۇپەر، ئاق سەندەلدىن بەش گرامدىن، شاھتەررە ئەرىقىگە 150 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى شاھتەررە ئەرەقىگە چىلاپ بىر كېچە تۇرغۇزۇپ، ئەتىسى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 چىلان، ئەينۇلا، تەرەنجىبىن 60 گرامدىن، نېلۇپەر، بىنەپشە 15 گرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 10 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 لىمون جەۋھىرىدىن 60 گرام، قىزىلگۈلدىن 50 گرام، شېكەردىن بىر كىلوگرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى【 لىمون جەۋھىرى، قىزىلگۈلنى سۇدا بىر قاينىتىپلا، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىردىن مۇز سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش