UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشقاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى

قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە خام يېيىلگەن كالا گۆشىدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: چوڭ تەرىتىدىن قاپاق ئۇرۇقىدەك ياپىلاق ئاق رەڭلىك مەددەت بوغۇملىرى كېلىش، بەزىدە تەرەت قىلمىغان چاغلاردىمۇ ئۆزلۈكۈدىن كېلىپ قېلىش، يۇقۇملانغۇچى ئورۇقلاش، تېرىلىرى قۇرغاقلىشىش، بەزىدە ئىچى سۈرۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قەمبىل، بەرەڭگى كابىلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى، ئۇسارىسى 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئانار پوستى ئۈچ گرام، سەرخەس توققۇز گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى بىر چىنە سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ، ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كاۋا ئۇرۇقى 100 گرام، سۇ بىر چىنە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 كاۋا ئۇرۇقىنى چالا سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى | UyghurWiki | UyghurWiki