UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا پائالىيەت قىلىش، ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلارنىكۆپ پۇراش، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق ئاچچىقلاش، يىغلاش، خۇشال بولۇش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ئاچ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: باش قولغا ئىسسىق بىلىنىش، بۇرۇن ۋە گال قۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق ئۆتكۈر بولۇش، سوغۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ياكى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە ئالتە گرامدىن، قىزىلگۈل، رۇبىسۇس 15 گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 12 گرامدىن، كاپۇر ئۈچ گرام، زەپەر ئىككى گرام، ئىسپىغۇل لوئابى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۈچ گرامدىن قۇپى تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كاپۇر ئىككى گرام، قىزىلگۈل، تەرەنجىبىن ئالتە گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاباشىر 15 گرامدىن، قارا سۇنا ئۇرۇقى 21 گرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 18 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 12 گرام، رۇببىسۇس توققۇز گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لۇئابى بىلەن قۇرس تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 نېلۇپەر، ئاق سەندەل، رۇسۇت، مامسىئا 15 گرامدىن، كاپۇر بىر گرام، تەرخەمەك سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، تەرخەمەك سۈيىدە يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا ھەب تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى | UyghurWiki | UyghurWiki