مېڭە قان تومۇرى قېتىشىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە قان بېسىمى يۇقىرىلىق، قان تەركىبىدىكى ماي ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى نورمال مىقداردىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
داۋاملىق باش ئاغرىش، باش ئېسىلىش، باش قېيىش، ئۇيقۇ قېچىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، تەپەككۇرى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كابۇل ھېلىلىسى، ئامىلە، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 30 گرامدىن، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 15 گرامدىن، غارىقۇن توققۇز گرام، نارمىشىك، سۇمبۇل، لاچىندانە، مەستىكى، گاۋزىبان، ئاپېلسىن پوستى، رەۋەن، زەپەر ئۈچ گرامدىن، قىزىلگۈل، رۇببىسۇس 15 گرامدىن، ھەسەل 750 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ئوت، چايان، كابۇل ھېلىلىسى 30 گرامدىن، سازاڭ، تاغ دېنى، تاغ يالپۇز يىلتىزى، ئۈستىقۇددۇس، يىلان گۆشى ھەر بىرى 30 گرامدىن، سەكسەنپۇت، سەئدى ھىندى، ئۇد غەرقى، ئۇد سەلىب، گاۋزىبان 15 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كاپسۇل تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ئوت، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئۈستقۇددۇس ھىندى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم 30 گرامدىن، بىستىپايەج ھىندى 15 گرام، ئاق تۇربۇت 25 گرام، سانا 20 گرام، سۇ 400 مىللىلىتىر.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئۈستقۇددۇس، سانا، سېرىق ئوتتىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، 400 مىللىلىتىر سۇغا بىر كۈن چىلاپ، سۇس ئوتتا سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سېرىق ئوتنى خالتىغا ئوراپ، گۈل دورىلارنى بىرگە سېلىپ، ئىككى قايناتقاندىن كېيىن ئوتنى توختىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن پاكىز داكا بىلەن سۈيىنى چىقىرىپ، چىققان سۇيۇقلۇقىنى ۋارونكا ئارقىلىق پاكىز سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.