يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ھەرخىل ياللۇغلىنىشلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدە يۈرەكنىڭ ئىكى ئىچكى ياللۇغلىنىش ياكى يۈرەك كلاپانلىرى كېڭىيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قىزىتىش، باش ئاغرىش، ھوشسىزلىنىش، يۈرەك ئېغىش، يۈرەك ئۇدۇلى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گۈلى گاۋزىبان ئۈچ گرام، ئوسۇڭ ئۇرۇقى 30 گرام، تاباشىر ئۈچ گرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 30 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 20 گرام، ھەسەل بىر كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، چەككىلەنگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن 20 گرام، زىرىق 30 گرام، يۇلغۇن مېۋىسى 30 گرام، قارا شېكەر 50 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى قاينىتىپ سۈزۈپ، ئۈستىگە قارا شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئەنگۈر شىپا ئۈچ گرام، سۆرۈنجان ئۈچ تال، ئىكلىلمىلىك ئون تال، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى بەش گرام، قىزىلگۈل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى قىزىلگۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىرقېتىم، يېتىشتىن ئىلگىرى يۈرەك ئۇدۇلىغا چېپىلىدۇ.