بۇرۇن ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئىرسىيەت ئامىلى ۋە ھەرخىل چاڭ - توزان، سېسىق پۇراق، ئىس - تۈتەكلەرنىڭ غىدىقلىشى، زۇكام، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى ۋە سوغۇق ئۆتۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بۇرۇن ئىچى قىزىرىش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىدە ئومۇمىي بدەن قىزىتىش، دىماغ پۈتۈش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، چۈشكۈرۈش، بۇرۇن شىللىق پەردىلىرى قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قاپاق يېغى، يۇمغاقسۈت سۈيى، ئەرقى گۈل تەڭ مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىقماي ئالتە گرام، ئاچچىق ئانار سۈيى سەككىز گرام، ھەسەل 150 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ھەسەلنى ئېرىتىپ، سېرىقماي ۋە ئانار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە تۆت قېتىم بۇرۇن ئۈستىگە چېپىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ھۆل ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچ تەڭ مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم پەلكۈچ ئارقىلىق بۇرۇنغا سۈركىلىدۇ.