بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، يېمەك - ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىائرام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى، تۇربۇت 20 گرامدىن، سەبرىدىن ئالتە گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك).
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بىخ كەبىر، تاغ يالپۇزى، پىپننە، ئوبھەل، قىزىل لوبىيا، سېرىق ئوت 15 گرامدىن، قۇندۇز قەھرى ئالتە گرام، ئۈزۈم 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بەرەڭگى كابىلى، تۇربۇت، قەمبىل 15 گرامدىن، قىزىل لوبىيا، ئاچچىق قۇستە 20 گرامدىن، ئەپسەنتىن رۇمى 30 گرام، تاش تۇز ئۈچ گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ ھەر قېتىمدا بەش گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت بىلەن ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ.