سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، قويۇق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، لوبىيا، پۇرچاق، كاپۇسكا، كالا، ئۆچكە، ئات ۋە كىيىك گۆشى ھەمدە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
باش ئېغىر بولۇش، ئېغىز، بۇرۇن قۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىنىش، چىرايى نۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى قۇرۇش، روھى چۈشۈپ، ھەر خىل يامان خىياللارنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، كۆپ سۆزلەيدىغان، بىر يەردە تۇرالمايدىغان بولۇپ قېلىش، تومۇرى ئىنچىكە، تېز، چۆكمە سېلىش، سۈيدۈكى ئاق كېلىش، زىيادە خىلىت پىشقاندا كۆك ياكى قارىغا مايىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئەنگۈر شىپا بىر كىلوگرام، سۇ بەش كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئەنگۈر شىپانى يۇيۇپ تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرامدىن ئىچىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەبرە سۇقۇتى، ئوسارە ئەفسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمۇنىيا بەش گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 7 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئىتياڭىقى 40 گرام، رەۋەن 30 گرام، زەنجىۋىل، سەمغى ئەرەبى 12 گرامدىن،
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.