UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشمالىخۇلىيا

مالىخۇلىيا

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاشقازان، تال، جىگەر، قاپقاق ۋېنالاردا ھەر خىل سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدىغان سېسىق بۇخاراتلارنىڭ مېڭە ۋە يۈرەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: بىمارنىڭ روھىي ھالىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قالايمىقانلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 گاۋزىبان 25 گرام، بادرەنجى بۇيىنى، ئۈستقۇددۇس، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، بەرەنجاسىپ، بىخ كەبىر، سۇزاپ ئۇرۇقى ھەرى 10 گرامدىن، زەنجىۋىل، ئەنگۈرشىپا ھەر بىرىدىن 13 گرامدىن، چىلان، بادام مېغىزى، سېرىق ئوت، سانالارنىڭ ھەر بىرى 30 گرامدىن، ئەينۇلا 60 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، سېرىق ھېلىلە 45 گرام، قارا ھېلىلە 21 گرام، خىيارشەنبەر 45 گرام، تەرەنجىبىندىن 200 گرام، شېكەر 250 گرام، سۈت 300 مىللىلىتىر، سۇ ئىككى لىتىر 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 سۈت، سىركىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلانغان دورا سۈيىگە سانا، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىنلەر چىلانغان سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۈت، سىركىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن شېكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 مەرۋايىت، بىخ مارجان، كەھرىۋا، دۇرنەج ئەقرەبى، قىرقىلغان پىلە، زورەنباتد، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 90 گرامدىن، قەلەمپۇر، ئۆشنە، سۇمبۇل، لاچىندانە، زەپەر، مەستىكى، سازەج ھىندى، دارچىن، تاباشىر، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئىپار 30 گرامدىن، ئەنبەر 45 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سېرىق ئوت، قېلىن دارچىن، ئۈستقۇددۇس، ھەببى بىلسان، ئاسارۇن، قەلەمپۇر 12 گرامدىن، زورۇنبات، دۇرۇنەج ئەقرەبى، تېشىلمىگەن مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، سازەج ھىندى، قاقىلە، قۇندۇز قەھرى توققۇز گرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن پىلە ئالتە گرام، پىلپىل، زەنجىۋىل ئۈچ گرامدىن، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەرنى قاينىتىپ قىيام قىلىپ، قىيامغا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش