UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشيۇقىرى قان بېسىمى

يۇقىرى قان بېسىمى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تۈرلۈك سەۋەبتىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرگەن بېسىمى ئارتىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: باش ئاغرىش، باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە مەخسۇس ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىگەندە يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋاقتىدىكى بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 جىگدە گۈلى 50 گرام، ئاق لەيلىگۈلى، ھەمىشىباھار گۈلى، قىزىلگۈلنىڭ سېرىقچېچىكى، رەيھان چېچىكى، بەزرۇلبەنجى چېچىكى 200 گرامدىن، سۇ 500 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئۈزۈم سۈيى، ئالما سۈيى، بېھى سۈيى، ئۆرۈك غورىسىنىڭ سۈيى، ئەينۇلا سۈيى، ئانار سۈيى 100 گرامدىن، سىركە 250 گرام، ئاق شېكەر 600 گرام، زەپەر تالقىنى بەش گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 مېۋەسۇلىرىنى شېكەر بىلەن شەربەت قىلىپ، ئۈستىگە زەپەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كەرەپشە يىلتىزى، كوممىقوناق ساقىلى مۇۋاپىق مىقداردا، چىلان 10 تال. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى چىلاشقۇدەك سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە چىلاننى سېلىپ دەملەپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
يۇقىرى قان بېسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki