ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئۇزاق مۇددەت يۆتىلىش، دەم سىقىلىش ۋە ھاسىراش تۈپەيلىدىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى يوقىلىپ، نەپەس چىقىرىش قىيىنلىشىپ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئىچىدىكى قالدۇق ھاۋا سىرتقا تولۇق چىقىرىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئۇزاق مۇددەتلىك يۆتەل، نەپەس قىيىنلىشىش، قول ئۇچى ۋە كالپۇك كۆكىرىش، كۆكرەك چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق قىچا ئۇرۇقى، غارىقۇن 10 گرامدىن، ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقى، قەرمانە بەش گرامدىن، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى چەككىلەپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قىزىلگۈل بىر كىلوگرام، شېكەر تۆت كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ، ئەخلەتلىرىنى ئىلغاپ، تاسقاپ، تۆۋەن تەرىپىدىن ئاق يېرىنى كېسىۋېتىپ، بىر ھەسسە گۈلگە تۆت ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەلنى ئۆزىگە ئالغۇدەك ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ، 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئەگەر دورا قۇرۇپ قېتىپ قالسا، ئەرىقى گۇلابتىن بىر ئاز قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن سەككىز گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كودچۇلا 18 گرام، گاۋزىبان گۈلى، زورۇنبات، ئۈستقۇددۇس، كەتىرا، نارجىل، چىلغوزا، شاقاقۇل، لاچىندانە ئالتە گرامدىن، ئاق سەندەل، قەلەمپۇر ئۈچ گرامدىن، ئامىلە، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرامدىن، بەش گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.