كۆز ياشاڭغىرىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، زۇكام، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر ۋە كۆز ئاغرىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
سوغۇق ھاۋاغا چىققاندا ياكى سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، كۆزدىن ياش ئېقىش كۈچىيىپ قېلىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بىنەپشە 12 گرام، تۇربۇت ئالتە گرام، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ئۈچ گرام، سوقمۇنىيا سەككىز گرام، كەتىرا ئىككى گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، پارلاندۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ھۆل رەيھان 60 گرام، نۆشۈدۈر ئۈچ گرام، بەدىيان، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، مامرانچىنى ئالتە گرامدىن، تۇتىيا ئىككى گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
رەيھاننى ئېزىپ، سۈيىنى سۈزۈپ تۇتىيادىن باشقا دورىلارنى چىلاپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈزۈپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ئۇپا ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، تۇتىيانى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تۇتىيا يەتتە گرام، بىخ مارجان، سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى ئۈچ گرامدىن، قارا ھېلىلە، پىلپىل 0.7 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
تۇتىيانى قىزىتىپ، يەتتە قېتىم ئەرىقى گۇلابتا سۇغىرىپ، ئاندىن باشقا دورىلار بىلەن يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتىلىدۇ.