سازاڭسىمان مەددە كېسەللىكى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق نەتىجىسىدە سازاڭسىمان مەددە تۇخۇمىنىڭ ئۈچەيگە ئورۇنلىشىپ تىرىلىشى ۋە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بالىلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شال ئېقىش، بەزىدە قورساق ئاغرىش ۋە ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قەمبىل، بەرەڭگى كابىلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى ئۇسارىسى 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
تۇربۇت، مۇقەل ھەربىرى ئالتە گرامدىن، سەرخەس، بەرەڭگى كابىلى ھەربىرى ئۈچ گرامدىن، ھەسەلدىن 60 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرام 200 مىللىلىتىر كالا سۈتى بىلەن ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
شاپتۇل چېچىكى 15 گرام، شېكەر 50 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
شاپتۇل چېچىكىنى بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ، 300 مىللىلىتىر قالغاندا شېكەرنى سېلىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ، ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ.