UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشزىققە

زىققە

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زۇكامنىڭ نەزلىسى، يۈرەكتە قان قېيىش ۋە بەدەندە بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كېتىش تەسىرىدىن ئۆپكىدە قويۇق بەلغەم يىغىلىپ قېلىش، نەپەس يوللىرى ياللۇغلانغاندىن كېيىن ئۇزاققىچە ساقايماسلىق، ھەرخىل ئۇزاققا سوزۇلغان ياللۇغلىنىشلارنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆپىنچە كېچىسى تۇيۇقسىز دېمى سىقىلىش بىلەن باشلىنىپ، نەپەس قىيىنلىشىش، بىمار ياتالماي ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش، تىنىقى چىقماي، چىرايى قىزىرىپ كېتىش، بەزىدە ئىسقىرتقاندەك ئاۋاز چىقىرىپ نەپەسلىنىش، كۆپۈكلۈك بەلغەم چىقىرىش ۋە كالپۇك، بارماقلىرى كۆكىرىش، شۇنداقلا رىتىمسىز تۇتقاق تۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زىغىر 90 گرام، قەردمانە 30 گرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سامساقتىن 50 گرام، ئالقاتتىن 50 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى چەككىلەپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 خەشخاش 150 گرام، رۇببىسۇس، تاتلىق بادام مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، قەنت 280 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 خەشخاشتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، خەشخاشنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سىقىپ سۈزۈپ، قەنتنى سۈيىدە قىيام قىلىپ، ئۈستىگە تالقانلانغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش