UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشجىنسىي ئاجىزلىق

جىنسىي ئاجىزلىق

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، جىنسىي ئەزانىڭ مىجەزى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى، جىنىسي ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخىملىنىشى، ئىچىملىك - چېكىملىكلەرنىڭ تەسىرى، روھىي زەربە ۋە پسىخولوگىيىلىك توسالغۇلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بولۇشى، قوزغىلىشنىڭ بارا - بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئۈزۈم شىرنىسى 100 گرام، سۈت 200 گرام، بادام 20 تال. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 بادامنى يۇمشاق سوقۇپ، سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە ئۈزۈم شىرنىسىنى قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تاتلىق بادام مېغىزى 100 گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 20 گرام، بۇقا چۈيىسىنىڭ قۇرۇتۇلغىنى 15 گرام، پارپا، كۇچۇلا 10 گرامدىن، ناۋات، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 ناۋاتتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سوقۇلغان دورىلارنى سېلىپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 لاچىندانە، بەدىيان، قىزىلگۈل، ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈزى، زەپەر، ئىپار، قۇندۇز قەھرى تەڭ مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سەندەل ئەرەقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش