ئاشقازان راكى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ماغدۇرسىزلىنىش، قانلىق تەرەت كېلىش، خېمىرتۇرۇچ پۇرىقىدەك، كۆپۈكلۈك قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەبرە سۇقۇترى 64 گرام، قارىمۇچ 48 گرام، تەنكار سەككىز گرام، ئاق بەزرۇلبەنجى 10 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كۇچۇلا، چايان، قىرىقئاياغ، كېلەر، ھەرە كۆنىكى تەڭ مىقداردا، كۈنجۈت 500 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
كۈنجۈتتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈنجۈتتە ياغ تارتىپ، سوقۇلغان دورىلارنى كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، كوممىقوناق چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كەھرىۋا، سەمغى ئەرەبى، نىشاستە، كەتىرا، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى، ئانارگۈلى، ئاقاقىيا سەككىز گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بارتەڭ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 4 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ