UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشلەقۋا

لەقۋا

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۈز نېرىپلىرىنىڭ سېزىمىنى يوقىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: يۈزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش، باش ئاغرىش، كۆز، قاش، كالپۇك ۋە پېشانە تېرىسى بىر تەرەپكە مايماقلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 سۆئلەپ چىنى، ئاقىرقەرھا، ئۇدسەلىب، ئۇد ھىندى 15 گرامدىن، ئۆشنە، ئوغرى تىكەن، قۇندۇز قەھرى، دۇرنەج ئەقرەبى 13 گرامدىن، ئۈستقۇددۇس 25 گرام، گاۋزىبان ھىندى 23 گرام، ئەۋرىشىمدىن 11 گرام، چىلىغوزىدىن 35 گرام، ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق 15 تالدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق، قۇندۇز قەھرى، ئەۋرىشىمدىن باشقىلىرىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن قالغان دورىلارنى ئۈستىگە سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 تۇربۇت توققۇز گرام، ئايارەج پەيقىرا، سېرىق ئوت ئىككى گرامدىن، سۆرۈنجان بەش گرام، ماھى زەھرەج، زەنجىۋىل ئۈچ گرامدىن، سوقمۇنىيا، مۇقەل ئىككى گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە تەييارلانغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئىككى كۈن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، جويۇز، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل، سىيادان، ئارپىبەدىيان، خولىنجان بىر ھەسسىدىن، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ. ھەسەل ھەممە دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 گرامدىن ئىچىلىدۇ(10 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېرىلمەيدۇ)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش