بالىياتقۇ جاراھىتى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، سىرتقى زەخىم، كۆپ تۇغۇش، قىيىن تۇغۇت، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دوۋسۇن، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، جىنسىي يولدىن گۆش يۇيغان سۇدەك سېسىق پۇراقلىق قان كېلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئوغرىتىكەن، قوغۇن ئۇرۇقى، سۆئلەپ 15 گرامدىن، قەنت ئالتە تال، ئاق تۇدەرى، قىزىلگۈل 12 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بابۇنە، شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، مۇرمەككى، ئانارگۈلى 30 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم جىنسىي يول يۇيۇلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
مامىرانچىنى، كەتىرا، قىزىلگۈل خەمىكى، موزا 20 گرامدىن، گۈل يېغى، 15 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شامچە تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇلىدۇ.