UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشكۆكيۆتەل

كۆكيۆتەل

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاغرىق بالىلارغا يېقىنلىشىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن يۇقۇملىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامغا ئوخشاش سەل - پەل قىزىتىش، ئاغزى - بۇرنىدىن سۇ ئېقىش بىلەن باشلىنىپ، كېيىنچە ئۈزۈلمەي تېلىقىپ يۆتىلىش، يۆتەلگەندە بېشى ئالدىغا ساڭگىلاپ، چېكە تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىش، چىرايى ئاۋۋال قىزىرىپ، كېيىن كۆكىرىش، كۆپ مىقداردا شىلىمشىق بەلغەم تۈكۈرۈش، بەزىدە يۆتەل بىلەن يېگەن تاماقلىرىنىمۇ قۇسۇۋېتىش، كۈندۈزگە نىسبەتەن كېچىسى كۆپرەك تۇتۇش، كۈچەپ نەپەس ئېلىش بىلەن خۇددى خوراز چىللىغاندەك بىرخىل ئالاھىدە تاۋۇش چىقىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زەپەر بىر گرام، ئەپيۈن 5.0 گرام، بەزرۇلبەنجى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، سەمغى ئەرەبى، بىخسۇس، كەتىرا، كۇندۇر، مۇرمەككى، بېھى ئۇرۇقى ئۈچ گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قاينىتىلغان سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بىنەپشە 17 گرام، پىرسىياۋشان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زۇپا، گاۋزىبان، بېھى ئۇرۇقى، بەش گرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ئىككى گرام، سۇ بىر چىنە، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى قاينىتىلغان سۇدا دەملەپ، تەمى چىققۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تەييارلانغان دورىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىچىلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئەنجۈر قېقى 100 گرام، شۇمشا 30 گرام، چامغۇر ئۇرۇقى 40 گرام، سۇ بىر لىتىر، ھەسەل 200 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 ئەنجۈر قېقىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، بىر لىتىر سۇنىڭ 400 گرامى قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۈستىگە ھەسەل سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 ~ 60 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش