UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسۆڭەك سىلى

سۆڭەك سىلى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سىل جاراسىملىرىنىڭ سۆڭەككە چۈشۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: يەرلىك ئورۇن ئاغرىش، قىزىتما، ئۇزاققا داۋام قىلغان ئومۇمىي بەدەنلىك يەڭگىل قىزىتما ۋە كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ توقۇلمىلىرى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش، ئاخىر بېرىپ كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا 100 گرام، يىلان گۆشى 360 گرام، قىزىل سىر 60 گرام، چايان 20 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 قوۋزاقدارچىن، قەلەمپۇر، خولىنجان، قاقىلە، زەنجىۋىل، جويۇز 7 گرامدىن، سۇ ئىككى لىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كۇچۇلا 18 گرام، گاۋزىبان گۈلى، زۆرەنباد، ئۈستقۇددۇس، كەتىرا، نارجىل، چىلغوزا، شاقاقۇل، لاچىندانە ئالتە گرامدىن، ئاق سەندەل، قەلەمپۇر ئۈچ گرامدىن، ئامىلە، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
سۆڭەك سىلى | UyghurWiki | UyghurWiki