ئۆتكۈر ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، تاماقنى زىيادە كۆپ ۋە ئارىلاش يېيىش ياكى بۇزۇلغان ۋە بۇلغانغان يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كېسەللىك تېز باشلىنىپ، قورساق ئاغرىش، جىددىي قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، قايتا - قايتا قۇسۇش ۋە سۇدەك ئىچ سۈرۈش نەتىجىسىدە بەدىنى سۇسىزلىنىپ، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق بىرقاتار ئۆتكۈر كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
نىشاستە، ئانار ئۇرۇقى 80 گرامدىن، پاقيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 40 گرام، كۆكنار شاكىلى 20 گرام، پىستە پوستى 80 گرام، شېكەر 500 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سىقىلغان بېھى سۈيى بىر كىلوگرام، شېكەر ئىككى كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
بېھىنى توغراپ، سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گرامدىن (بالىلار 5 ~ 10 گرام) ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئۈزۈم ئۇرۇقى 90 گرام، ھەببۇلئاس 180 گرام، خەرنۇپ، ئانارگۈلى، گەزمازەج، جويۇز 30 گرامدىن، كۇندۇر، جۇۋىنە، سۆئدى كۇپى، سۇمبۇل، مەستىكى 15 گرامدىن، شېكەر 730 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلاردىن ئۈزۈم ئۇرۇقىنى بىر كېچە - كۈندۈز سىركىگە چىلاپ سۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، چالا قورۇپ، يۇمشاق سالايە قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، شېكەرنى ئەرىقى گۇلابتا قىيام قىلىپ، دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).