UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشسىزلام

سىزلام

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، تېمىپ كېلىش، سۈيدۈكتە يىرىڭ بولۇش، قىزىتما، بەل ۋە پۇت - قوللار سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 شاقاقۇل 20 گرام، كاۋاۋىچىن، سەۋزە ئۇرۇقى، ھەسەل 100 گرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ياسىمەن گۈلى ياكى يوپۇرمىقى 20 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىنى سۇدا قاينىتىپ، سەللا سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم، بىر داس دورا سۈيىگە دوۋسۇن ۋە جىنسى ئەزا چىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بىنەپشە، ئەنگۈرشىپا، كەرەپشە ئۇرۇقى، 12 گرامدىن، كاكنەچ 15 گرام، بەدىيان، شاھتەررە، كاسىنە ئۇرۇقى، چۆپچىنى، پىرسىياۋشان، ئوغرىتىكەن 10 گرامدىن، دارچىن، سۇمبۇل، سېرىق ئوت ئۇرۇقى بەش گرامدىن، پوستى خەشخاش ئالتە گرام، ئىسپىغۇل يەتتە گرام، تەرەنجىبىن 160 گرام، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش