UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشقۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى

قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: قۇلاق يۇمشىقىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بىر جۈپ بەز قىزىرىپ ئىششىش، بىر - ئىككى كۈن قىزىتىش، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۈز ۋە بويۇنلار ئىششىپ، تاماق يېيەلمەي، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۈز ۋە بويۇنلار ئىششىپ، تاماق يېيەلمەي قېلىش، ئۇخلىغاندا جۆيلۈش، بەزىلىرىدە ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن يېنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بىنەپشە، ئاق لەيلىگۈلى، شۇمشا 30 گرامدىن. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 شۇمشىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شۇمشىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ئاستىغا سىرتتىن چېپىلىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئوسما يىلتىزى 30 گرام، ئەڭلىكئوت 15 گرام، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۇدا قاينىتىىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئاق لەيلىگۈلى، بىنەپشە، ئەنگۈر شىپا ئالتە گرامدىن، نېلۇپەر تۆت گرام، خەشخاش غوزىسى تۆت دانە، سۈت 250 مىللىلىتىر. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى سۈتتە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە بىر قېتىم قۇلاق ھوردىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش