سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە دىۋارى ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، زەخىملىنىش ۋە يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوڭ تەرەپ قورساق ئاستى داۋاملىق قاتتىق ئاغرىش ھەم قورساقنى باسقاندا ئاغرىش پەسىيىپ، قويۇپ بەرگەندە ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىش، قىزىتما ئۆرلەش، ئاق قان دانىچىسى جىددىي كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سوقمۇنىيا يەتتە گرام، توغرىغا 25 گرام، مۇقەل ئۈچ گرام، ئاچچىقتاۋۇز بەش گرام، تەمرى ھىندى 10 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەرەنجىۋىبىن سۈيى بىلەن شامچە تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم ئارقا مەقئەتتىن سېلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
زەنجىۋىل، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە زەنجىۋىلنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 ~ 150 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
رەۋەن، خىيار شەنبەر 20 گرامدىن، سانا بەش گرام، تۇربۇتتىن 10 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
خىيار شەنبەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، خىيار شەنبەرنىڭ قايناق سۇ تاتلىقىنى چىقىرىپ، سۈيىگە دورىلارنى سېلىپ، خېمىر قىلىپ، نوقۇتتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.