مېڭە سىلكىنىش
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، باش قىسمىنىڭ سىرتقى تەسىرىدىن قاتتىق سىلكىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
باش ئاغرىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئەسكە ئېلىش ئاجىزلىشىش ۋە پۇت - قوللارنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولماسلىقتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
مەرۋايىت، بىخ مارجان، كەھرىۋا، دۇرنەج ئەقرەبى، قىرقىلغان پىلە، زورەنبات، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 90 گرامدىن، قەلەمپۇر، ئۆشنە، سۇمبۇل، لاچىندانە، زەپەر، مەستىكى، سازەج ھىندى، دارچىن، تاباشىر، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئىپار 30 گرامدىن، ئەنبەر 50 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سونىيا بەش گرامدىن. كەرەپشە مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت تال، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۈ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5.2 گرامدىن، ئەنبەر بەش گرام، ناۋات 1200 گرام، سۇ 10 ھەسسە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە 5.1 ھەسسە ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.