سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ئۆتكۈر ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىدىن كېيىن تولۇق داۋالانماسلىق ياكى ئۇزاق داۋاملاشقان ئىچ سۈرۈشلەرنىڭ ئۈچەي دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان قورساق غولدۇرلاش، ئاغرىتماي تەرەت كۆپ قېتىم كېلىش، بەزىدە يەڭگىل قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاق لەيلى ئۇرۇقى 100 گرام، گاۋزىبان ھىندى، قىزىلگۈل بەرگى چېچىكى، شۇمشا ئۇرۇقى 30 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئۈزۈم ئۇرۇقى 90 گرام، ھەببۇلئاس 180 گرام، خەرنۇپ، ئانارگۈلى، گەزمازەج، جويۇز 30 گرامدىن، كۇندۇر، جۇۋىنە، سۆئدى كۇپى، سۇمبۇل، مەستىكى 15 گرامدىن، شېكەر 730 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلاردىن ئۈزۈم ئۇرۇقىنى بىر كېچە - كۈندۈز سىركىگە چىلاپ سۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، چالا قورۇپ يۇمشاق سالايە قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، شېكەرنى ئەرىقى گۇلابتا قىيام قىلىپ، دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سىقىلغان بېھى سۈيى بىر كىلوگرام، شېكەر ئىككى كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
بېھىنى توغراپ، سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا كۆرۈنەرلىك ئازايتىلىدۇ).