UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاشيۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى، جىگەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاش ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: جىگەر زورىيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، شىللىق پەردىلەر سارغىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ 】تەركىبى【 ئېگىر، ئەمەن، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئاچچىق بادام تەڭ مىقداردا، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ 】تەركىبى【 كاسىنە بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارىلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 - رېتسېپ 】تەركىبى【 بەدىيان بىر كىلوگرام، سۇ بەش كىلوگرام. 】تەييارلاش ئۇسۇلى【 دورىلارنى پاكىز تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 】ئىشلىتىش مىقدارى【 كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تەبابىتىدە داۋالاش
يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى | UyghurWiki | UyghurWiki